مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق 3120 تەشكىلات، رەزىللىككە چېتىشلىق 9888 جىنايەت گۇرۇھى بىتچىت قىلىندى

2020.05.20 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ماي مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق 3120 تەشكىلات، رەزىللىككە چېتىشلىق 9888 جىنايەت گۇرۇھى بىتچىت قىلىنغان، 388 مىڭ 442 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغان، قارا گۇرۇھقا، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»دىن 67 مىڭ 190 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  19-ماي، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى سۇڭ چى دېلوسى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى لى خەنفۇ دېلوسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شيې پېيجۇڭ دېلوسى، خەينەن ئۆلكىسىدىكى خۇاڭ خۇڭفا دېلوسى قاتارلىق ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلغان تۆت دېلونىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان جايلار، ئالاقىدار تارماقلار زەربە بېرىش تىغ ئۇچىنى خەلق ئاممىسى قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان قارا كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە توغرىلاپ، ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە ۋە سىياسىي ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي ئېكولوگىيەنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلغان 111 چوڭ، مۇھىم دېلو ئىچىدىن ھەر ئايدا ئۈچتىن تۆتكىچە دېلونى تاللاپ ئېلان قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دېلو بېجىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئاسقان 100 دىلو، ئۆلكە دەرىجىلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئاسقان 1000 دىلو، مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ قېتىملىق قارا گۇرۇھقا، رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولارنىڭ قانۇن بويىچە تېز بېجىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىللىق «بىر، ئون، يۈز، مىڭ، تۈمەن» ھەرىكەت نىشانىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ