خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن زۇيىن 19- ماي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تيەن زۇيىن مۇنداق دېدى: «يېقىن ئەتراپىتىكى مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەي، باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك سالماق بىلەن تۆۋەنگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئوخشاش بولمىغان توپ، ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجغا كەلسەك، بۇ نورمال. بىز ھازىر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى دەل بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر. ئەگەر ھەممىسى تەڭپۇڭ بولسا، ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك بولسا، ئۇنداقتا تەبىئىي ھالدا مەكتەپ تاللىمايدۇ، يەنى ئىشىك ئالدىدا قانداق مەكتەپ بولسا شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ».
تيەن زۇيىن مۇنداق دېدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانى ئەمەلىيەتتە دەل ھەر بىر مەكتەپنى لاياقەتلىك قىلىپ قۇرۇپ، ھەر بىر رايوندىكى مەكتەپلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتۇر. ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ رازى قىلىش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ