مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خۇ يۈ: داۋالاش-قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىلەرنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك

2020.05.14 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 8- كۈنى خۇ يۈ ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى قان بۆلۈمىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردىن جەمئىي 5200 ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق بىمارنى داۋالىدى، ھەمدە قىزىتمىسى بار 20 مىڭدىن ئارتۇق بىمارنى داۋالىدى، چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىدىن ئىككىنى باشقۇرۇپ، مول تەجرىبە توپلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خۇ يۈ ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشىدا باشتىن-ئاخىر بىرىنچى سەپتە تۇردى. خۇ يۈ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئېلىمىز چوقۇم داۋالاش-قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ زور ۋە توساتتىن يۈز بەرگەن ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىلەرنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ