ۋۇخەندە يەنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىماردىن يېڭىدىن بەشى كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئولتۇراق رايونىدىن كەلگەنكەن

2020.05.12 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ۋۇخەن شەھىرى دۇڭشىخۇ رايونى چاڭچىڭ كوچىسى سەنمىن ئولتۇراق رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ئاھالىلەرگە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى تارقىتىپ بەردى. 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 5- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، ۋۇخەندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بەش بىمار يېڭىدىن كۆپەيدى. ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ۋۇخەن شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولماقتا، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىچىدىن قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ دائىملاشتۇرۇلغان خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ قايتىدىن پەيدا بولۇش خەۋپ-خەتىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ