جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن 2- تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتى تاماملاندى

2020.05.11 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى خىزمەتچى خادىملار يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن 2- تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى 10- چېسلا قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى، يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئەۋەتىلگەن بۇ تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالار N95 تىپلىق ماسكىلار، مۇداپىئە كىيىملىرى ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش رېئاكتىپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ