خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنشى تەپتىش ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ماي، جىڭبيەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ما فامىلىلىكنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، دىلو يەنىمۇ بىر تەرەپ قىلىنماقتا ئىكەن.
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 20 لەردە، جىنايەت گۇماندارى ما فامىلىلىك ھەرىكىتى قولايسىز، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئانىسى ۋاڭ فامىلىلىكنى ئۆيىدىكى ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسى بىلەن جىڭبيەن ناھىيەسى يۈلىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى «تۈمەن مولۇق ئورمانلىق»قا ئىتتىرىپ ئاپىرىپ، ئانىسى ۋاڭ فامىلىلىكنى بىر تاشلاندۇق قەبرىگە ئىتتىرىپ چۈشۈرۈپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۈرجەك بىلەن كۆمۈۋەتكەن. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىڭبيەن تەپتىش ئورگىنى دەرھال ئالدىن ئارىلىشىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى تەھقىقلەپ ئىسپات ئېلىشقا يېتەكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ