خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى» ۋە «يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى»نى تۈزۈپ تارقاتتى. «لايىھە»دە خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، يەسلى ئاپپاراتلىرىدىكى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلدى.
«لايىھە»دە ئەمەلىيلەشتۈرۈش زۆرۈر بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ كۆرۈنۈشلۈك، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى ۋە خىزمەت تەرتىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ