خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-ئايدا، 2-تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تەشكىللىشىنىڭ تاللىنىش نەتىجىسى چىقىپ، 32 خىل دورا مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىۋېلىنىپ، دورا باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. 32 خىل دورىنىڭ ئىچىدە ئامما كۆپ ئاڭلىغان نۇرغۇن دورا بار، مەسىلەن: قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىش دورىسىدىن ئاتسېتامىنوفېن، ئانتىبىيوتىك تۈرىدىكى ئاموكسىلىن، كلىنمىتسىن ھىدروخىلورىد، ئاچېمىتسىن، سېفالومىتسىن، دىيابېت كېسىلىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن ئاككابوزا، گرېمىئۇرېيە، چىش ئاغرىقىغا ئىشلىتىدىغان دورىدىن مېتىل نىتروزول تابلىتى، يۇقىرى قان بېسىمغا ئىشلىتىدىغان دورىدىن ئىنداپامىن تابلىتى، فۇمارات بىسولور قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تۆت خىل ئىجادىي يېڭى دورا بار. 4-ئايدىن باشلاپ، تاللىنىش نەتىجىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەمەلىيلىشىپ، بۇ دورىلار دوختۇرخانىلارغا كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئاغرىقلار باھاسى چۈشۈرۈلگەن بۇ دورىلارنى سېتىۋالالايدۇ.
2018-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ 11 شەھەر دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەشكىللىگەندىن باشلاپ، مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ياخشى دورىلارنىڭ باھاسى چۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاغرىقلارغا نەپ يەتكۈزۈلدى. تاللانغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى قان بېسىم، روھىي كېسەل، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل ۋە ئېغىر كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا بولغاچقا، ئاغرىقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلىتىش يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ يۈكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەپ، دورىنىڭ يەتكۈزۈشچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىقدارلىق سېتىۋېلىش سۈپەت ۋە ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىك باھالىشىدىن ئۆتۈشنى تەقلىدىي دورا قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۆلچىمى قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئاشۇردى. «7+4» بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاممىنىڭ بىردەكلىك باھالىشىدىن ئۆتكەن تەقلىدىي دورا ۋە ئىجادىي يېڭى دورىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %50 ئەتراپىدا بولۇشتىن زور دەرىجىدە ئۆسۈپ %90تىن ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ