خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7- ماي سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 2020- يىللىق جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ئۆلچەش تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى دېڭىز يۈزىدىن 6500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش لاگىرىغا يېتىپ باردى. ھازىر شۇ ئەزالارنىڭ ئەھۋالى ياخشى، لاگىرنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك بولدى. پىلان بويىچە، ئەترەت ئەزالىرى 8- چېسلا بۇ يەردە بىر كۈن دەم ئېلىپ، يول ياساش ۋە توشۇش ئەھۋالىغا قاراپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تاغقا چىقىشنىڭ كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانىنى بېكىتىدۇ.
2020- يىلى جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ئۆلچەش تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېلو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالغا ئىلگىرىلەش لاگېرىدا كۆرۈشچانلىق دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، قار لەپىلدەپ ياغماقتا، شامال كۈچى بىر قەدەر ئاجىز. 6- چېسلا چۈشتە 2020- يىللىق جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ئۆلچەش تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى لاگېرىدىن يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى كەچتە دېڭىز يۈزىدىن 5800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۆتكۈنچى لاگېرغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ