مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قەرز پۇل تۈرىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە «شەمشەر چىقاردى»

2020.05.08 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «بۇلۇت شەمشەر _ 2020» قەرز پۇل تۈرىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت توپىغا زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاپ، بېيجىڭ، خېبېي، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق 15 ئۆلكە، شەھەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەركەزلىك تور يىغىش ھەرىكىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرغان. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 15كىچە، جايلار قەرز پۇل تۈرىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇرۇھىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇنغا خىلاپ 1069 قىسقا ئۇچۇر سۇپىسىدىن 57نى بىتچىت قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 798نى تۇتۇپ، يان تېلېفون، بانكا كارتىسى، كومپيۇتېر قاتارلىق زور بىر تۈركۈم دېلوغا چېتىشلىق قوراللارنى تۇتۇپ قالغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەت جەريانىدا، ساختا قەرز پۇل APPسى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق رەسمىيەت ھەققى، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ، قەرز پۇل ئېلىش مۇددىئاسى بار ئاممىنى ئالداپ، قەرز پۇل تۈرىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلىش دېلولىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى، زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقىدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ تۈردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەرگە قارىتا توپلىشىپ جەڭ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تەھقىقلەپ زەربە بېرىشنى يولغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ