مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، سىچۈەننىڭ ئورمان-ئوتلاق ئوت مۇداپىئە-ئوت ئۆچۈرۈشىنى مەخسۇس تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

2020.05.08 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، سىچۈەننىڭ ئورمان-ئوتلاق ئوت مۇداپىئە-ئوت ئۆچۈرۈشىنى مەخسۇس تۈزەش نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، سىچۈەن ئۆلكىسىگە ئەۋەتىپ، مەخسۇس تۈزەش بويىچە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ مىڭ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مەخسۇس تۈزەش بويىچە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش بويىچە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، ئۆلكە باشلىقى يى لى، نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جيەنخۇا ۋە مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى دەي جيەنگو، لى شۇمىڭ، پېڭ شياۋگو قاتناشتى.

  خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، بىر ئۆلكىنىڭ ئورمان-ئوتلاق ئوت مۇداپىئە-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى مەخسۇس تۈزەشكە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشى تارىختا تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى. مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئورمان-ئوتلاق ئوت مۇداپىئە-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى مەسىلىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن «بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس، مۇداپىئە بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەرلىك بىرىنچى» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاچچىق ساۋاقنى ئەسكە ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بەل باغلاپ، ئورمان-ئوتلاق ئوت مۇداپىئە-ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور تالاپەت ۋەقەسى يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ