مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىنى كېڭىشىش بويىچە ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2020.05.08 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىنى كېڭىشىش بويىچە 10 چوڭ تىپىك دېلو مىسالى»نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونىدىكى ئالتە كارخانىنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ گۇيجوۋ ئۆلكىسى شىفېڭ دايىڭتيەندىكى ئىككى كارخانىنىڭ كېرەكسىز داشقاللارنى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى بۇلغاش زىيىنى تۆلىمى دېلوسى قاتارلىق 10 دېلو تاللاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى دېلوسىدىن جەمئىي 945 ى بېجىرىلگەن، چېتىلىدىغان سومما 2 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار شەكىللەنگەن. يەرلىك كۆرسىتىش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، ئامما ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق دېلونىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى، تىپىك خاراكتېرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئەڭ ئاخىرىدا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىنى كېڭىشىش بويىچە ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالى»نى بېكىتتى.

  بۇ دېلو مىساللىرى تۆۋەندىكىچە: شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونىدىكى ئالتە كارخانىنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ گۇيجوۋ ئۆلكىسى شىفېڭ شەھىرى دايىڭتيەندە ئىككى كارخانىنىڭ كېرەكسىز داشقاللارنى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى بۇلغاش زىيىنىنى تۆلىتىش دېلوسى؛ تيەنجىن جىڭكەي رايونىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ كېرەكسىز كېسىش سۇيۇقلۇقى ۋە كېرەكسىز مىنېرال ماينى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ توك بىلەن ھەل بېرىش كېرەكسىز سۈيىنى سىڭدۈرۈپ تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھىرى ۋۇچاڭپىڭ قەلەي كېنىدا يۈز بەرگەن «16-نويابىر» قالدۇق قېزىلما ئامبىرىدىكى سۇغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئاپىتى ۋەقەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ شېنجېندىكى مەلۇم كارخانىنىڭ ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش سۇيۇقلۇقىنى سىڭدۈرۈۋېتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ ئەنخۇينىڭ چىجۇ شەھىرى يۆلياڭخۇدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ سۇنى بۇلغاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ شاڭخەي فېڭشيەن رايونىدىكى جاڭ فامىلىلىك قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ئەخلەتنى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى؛ چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ بېتون سېغىزلىق ئېرىتمىنى قانۇنسىز تۆكۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمى دېلوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ