مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان زاتلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «شياڭگاڭ قايتا يولغا چىقىش بۈيۈك ئىتتىپاقى» قۇرۇلدى

2020.05.06 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرىدىن 1545 كىشى باشلامچىلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئالغان «شياڭگاڭ قايتا يولغا چىقىش بۈيۈك ئىتتىپاقى» 5-ماي چۈشتىن بۇرۇن شياڭگاڭدا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر تەشكىلات ھەر ساھە زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، شياڭگاڭغا چىقىش يولى تېپىشنى مەقسەت قىلغان.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇڭ جيەنخۇا، لياڭ جېنيىڭ «شياڭگاڭ قايتا يولغا چىقىش بۈيۈك ئىتتىپاقى»نىڭ باش چاقىرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تەن ياۋزۇڭ باش كاتىپلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن خۇيجۇ قاتارلىقلار مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر تەشكىلات بۈيۈك ئىتتىپاقنىڭ «ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ قايتا يولغا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۈيۈك ئىتتىپاق: ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن ساقلىنىشتا شياڭگاڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا قايتىشى، قانۇن ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق قىممەتنى ياخشى ساقلاپ، ئىتتىپاقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئوخشاش بولمىغان سىياسىي قاراش، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكىلەر قول تۇتۇشۇپ، قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ