مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ خۇبېيدا يادرو كىسلاتاسى، ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2020.05.06 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خۇبېي ئۆلكىلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى ۋاقتىنچە بۇ ئۆلكىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، B تۈر بويىچە چىقىم قىلىپ، 6-مايدىن باشلاپ پۈتۈن ئۆلكىدە رەسمىي ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇردى.

  ئادەتتە يېڭىدىن كۆپەيگەن داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزگەندە، «كىلىنىكىلىق داۋالاش زۆرۈر بولۇش، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇش، خىراجەت مۇۋاپىق بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىلتىماس قىلىش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، ئېلان قىلىش، تەستىقلاش قاتارلىق بىر قاتار تەرتىپلەر ئارقىلىق، ئاندىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلەتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، خۇبېي ئۆلكىسى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي بىمارلار داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئانتىتېلا تەكشۈرۈش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش رېئاكتىۋىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇپ، ئۆلكە بويىچە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئانتىتېلا ئۆلچەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىنى بېكىتتى. بۇ قېتىم يەنە ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ۋاقتىنچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلدى.

  يادرو كىسلاتاسى، ئانتىتېلا تەكشۈرۈش تۈرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۆلكە بويىچە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش باھاسى 180 يۈەن / قېتىم، ئانتىتېلا تەكشۈرۈش 50 يۈەن / تۈردىن ئىبارەت ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىدىن يۇقىرى بولمايدۇ، ھەرىكەتچان تەڭشەپ يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ