مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىچكى ساياھەت كىرىمى 47 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يەتتى

2020.05.06 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1-مايدىن 5-مايغىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن جەمئىي 115 مىليون ئادەم (قېتىم) كۈتۈۋېلىنغان، ئىچكى ساياھەت كىرىمى 47 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  يېزا-كەنت ساياھىتى، ئەتراپ ساياھىتى قاتارلىق يېقىن مۇساپىلىك ساياھەت ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئوخشاش مۇساپىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «1- ماي» مەزگىلىدە، دالىدىكى تۈرلۈك تارىخ ئىزنالىرى، تاغ، ياۋايى ھايۋانات باغچىسى، قەدىمىي بازار ۋە تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك ئارامگاھلار كىشىلەرنىڭ ئەتراپتا ئارام ئېلىشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق تاللىشى بولۇپ قالغان. ئەنئەنىۋى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن باشقا، تۈرلۈك دېھقانلار شادلىق ئارامگاھلىرى، ئېچىۋېتىش خاراكتېرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، ئىستىراھەت رايونى قاتارلىقلارمۇ شۇ جايدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، بىر قىسىم ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرلىرى، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە تۇنجى ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان.

  گەرچە باشقا جايغا بارالمىسىمۇ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى شۇ جايدىكى باغچىلاردا ساياھەت قىلىشنى تاللىدى. گاۋدې مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭنى مىسال قىلغاندا، «1-ماي» بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭ ئولېمپىك باغچىسى، چاۋياڭ باغچىسى، بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى، يىخېيۈەن باغچىسى، يۈيۈەنتەن باغچىسى بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ