مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە ئاجراتقان مەبلىغى 79 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكىنىڭ 281 مىڭ 100 تۈرىدە ئىش باشلاندى

2020.05.01 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 4- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ چىقىم ئۆلچىمى 52 مىليارد 37 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، 79 مىليارد 58 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %192.58 ئاشتى؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ئىش باشلاش سانى 175 مىڭ 100 كۆپىيىپ، 281 مىڭ 100گە يېتىپ، %165.19 ئاشتى؛ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرى 12 مىليون 510 مىڭ كۆپىيىپ، 23 مىليون 530 مىڭغا يېتىپ، %113.52 ئاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجراتقان مەخسۇس مەبلىغى سېلىنمىسى داۋاملىق زورايدى ھەمدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارغا مايىللاشتى، مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يەرلىككە مەبلەغ چۈشۈرۈش ۋە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  2020- يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە ئاتىغان مەخسۇس مەبلىغى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئايدىن كۆپرەك بۇرۇن چۈشۈرۈلدى. 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خېنەن، جېجياڭ، خۇنەن، ئەنخۇي ۋە جياڭشى قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغان يەتتە ئۆلكىگە ئېتىبار بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خۇبېي ئۆلكىسىگە 800 مىليون يۈەن، باشقا ئالتە ئۆلكىنىڭ ھەر بىرىگە بولسا 100 مىليون يۈەندىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يەنە 400 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ مەبلەغلەر ئاساسەن ئۆلكە ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق شەرقىي قىسىمدىكى تۆت ئۆلكىنى مۇكاپاتلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلب قىلىپ، ئۆلكە ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاجرىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ مەبلەغلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان رايونلارغا، ھەمدە نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان نامراتلارنى كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرىدىغان رايونلارغا ۋە نامرات كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋە قىيىن ۋەزىپىلەرنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ