مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17- يىغىنىدا بىر قانچە قانۇن لايىھەسى قاراپ چىقىلدى

2020.04.27 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 3-قېتىم قاراپ چىقىش باسقۇچىغا كىردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، تۈزۈم قائىدىسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى.

  بەزى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، ۋەكىللەر، تارماقلار، جايلار ۋە ئامما داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش تەكلىپىنى بەردى. 3-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى، بولۇپمۇ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدىكى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش تەكلىپى بېرىلىپ، تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى:

  بىرىنچى، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلار مۇندەرىجىسى بويىچە باشقۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت گەۋدىلەندۈرۈلدى. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئۆز ئورنىدىن چىققان داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى قانۇن بويىچە تۈرگە ئايرىپ يىغىپ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇن داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى ۋاقتىدا يىغىشى، توشۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇنلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى، ئېقىپ كېتىشى، تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، جىددىي كاپالەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقۇمى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش تاشلاندۇقلىرى قاتارلىق خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، كېرەكلىك ئاپتوموبىل، مەيدان، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە مۇداپىئە ئەشياسىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ماسلىشىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  بەشىنچى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە زۆرۈر مەبلەغنى ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقۇمى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەردە پەيدا بولغان داۋالاش تاشلاندۇقلىرى قاتارلىق خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ