خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى «2020-يىلى 5-ئايدىكى چەت ئەل ئىمتىھانىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا 2020-يىلى 5-ئايدا ئېلىنىدىغان توفۇ، ياسى، GRE، GMAT قاتارلىق ئىمتىھانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى، ئىمتىھان ھەققىنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئالاقىدار مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە داۋاملىق ماسلىشىش ئۈچۈن، چەت ئەل ئىمتىھانى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن تەتقىق قىلىپ كېڭىشىش ئارقىلىق، 5-ئايدىكى چەت ئەل ئىمتىھانىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش قارار قىلىندى:
1. 2020-يىلى 5-ئايدا ئېلىنىدىغان بارلىق توفۇ ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
2. 2020-يىلى 5-ئايدا ئېلىنىدىغان بارلىق ياسى ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
3. 2020-يىلى 5-ئايدا ئېلىنىدىغان بارلىق GRE ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
4. 2020-يىلى 5-ئايدا ئېلىنىدىغان بارلىق GMAT ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
5. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان KET، PETنىڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
6. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-، 23-، 30-كۈنى ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن كامبرىج سودا ئىنگلىز تىلى گۇۋاھنامىسىنىڭ تۆۋەن، ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىمتىھانى كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى