خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ «مىنىستىرلىق رەھبەرلىرى» سەھىپىسى يېڭىلىنىپ، سۈن جىنلۇڭنىڭ مۇشۇ ئايدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئاشكارىلانغان قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى (مىنىستىر دەرىجىلىك) بولغان.
يولداش سۈن جىنلۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
سۈن جىنلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962- يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشياڭ ناھىيەسىدىن، 1982-يىل 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986-يىل 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق داشۆسى مالىيە-پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، ئالىي ئىنژېنېر.
2005-يىلى 3-ئايدا، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2005-يىلى 5-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2011-يىلى 7-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2011-يىلى 9-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
2013-يىلى 4-ئايدا خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
2016-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى (مىنىستىر دەرىجىلىك) بولغان.
2020-يىلى 4-ئايدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى