مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى پەقەت ئۆي سىرتىدىكى رايونلارنى ئاچىدۇ

2020.04.14 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساياھەت-مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، بىر قىسىم ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئېچىۋىتىلگەن مەزگىلدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر توپلاشقان، قىستاڭچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى ئاشۇرغان، مەنئى قىلىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 13-ئاپرېل بىرلىكتە «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چەكلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جايلاردىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، رايونلارغا ئايرىپ دەرىجىگە ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە، «ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېچىۋېتىشتە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىسى»نىڭ تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەكلىك ئېچىۋېتىش، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرتىپسىز ئېچىۋېتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا پەقەت ئۆي سىرتى رايونىلا ئېچىۋېتىلىدۇ، ئۆي ئىچى سورۇنلىرى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلمەيدۇ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئەڭ كۆپ ساياھەتچى قۇبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ھەق ئېلىنىدىغان مەنزىرە رايونلىرى ۋاقىتلىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلار مىقدارىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ