جۇڭگو ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى

2020.04.10 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، قازاقىستانغا بارىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستاننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تاللاپ ئەۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ