مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىغان بولدى

2020.04.09 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش كۆز توسقۇچى/نىقابى، تېرمومېتىر، نەپەسلىنىش ماشىنىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىكەن.

  4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 400 مىڭدىن ئاشقان، نۇقتىلىق ئىز قوغلاش كارخانىلىرىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش كۆز توسقۇچى/نىقابىنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 290 مىڭغا يەتكەن، تولۇق ئاپتوماتىك ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېرمومېتىرنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىڭغا يەتكەن، قولدا تۇتۇۋالىدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېرمومېتىرنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 400 مىڭغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ