مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 100 كۈن توردا ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش ھەرىكىتى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2020.04.09 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا 100 كۈن توردا ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش ھەرىكىتى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەرىكەت كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنىڭ داۋامى بولۇپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ۋەزىپىسىنى كېمەيتمەسلىككە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىلان لايىھەسى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ ئۇلاش، ماھارەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش»نى ھەرىكەت باش تېمىسى قىلىپ، توردا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك يولغا قويۇپ، توردا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، «100 كۈندە 515» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان، يەنى توردا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سۇپىسىدىن 50نى تاللاپ، 100دىن ئارتۇق كەسىپ (ئىش تۈرى)نى قاپلىغان رەقەملىك تەربىيەلەش بايلىقىنى ئىشقا سېلىپ، توردا تەربىيەلەشتە راست نام بويىچە 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تىزىملىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  تەربىيەلەش ئوبيېكتى كارخانىدىن ئىش ئورنىغا قايتقان، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، يېزىلاردىكى باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەر، ئىشسىز قالغانلار، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر، «تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار»، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق شەھەر-يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەشىققە قاتنىشىدىغان كۇرسانتلار ۋە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىگەن كارخانىلارنى تولۇقلىما بىلەن تەمىنلەيدۇ. توردا تەربىيەلەشكە قاتناشقان ھەم مۇناسىپ دەرس بويىچە تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولۇش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن كۇرسانتلارغا بەلگىلىمە بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، كېرەكلىك مەبلەغ كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەخسۇس ھېساباتىدىكى مەبلەغدىن چىقىم قىلىنىدۇ. توردا تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس كىشىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى، «تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار» ئىچىدىكى يېزىلىق كۇرسانتلار ۋە شەھەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىنىڭ ئەزالىرىغا تەربىيەلەش مەزگىلىدە بەلگىلىك تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، كېرەكلىك مەبلەغ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ