خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى «ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىش چەكلەنگەندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېيىشنى چەكلەش تەدبىرلىرى بىر قىسىم باقمىچىلار، كەسىپكارلارغا زىيان يەتكۈزۈش ياكى تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاش، ئىلمىي باھالاش ئاساسىدا يەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆلەم بېرىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق باقمىچىلىق قىلغان، بەلگىلىمە بويىچە تىجارەتنى توختاتقانلارنى تۆلەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارغا تولۇقلىما بەرمەسلىك لازىم.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمەلىي ئەھۋالنى توغرا ئىگىلەپ، يېيىشنى چەكلەشنىڭ تەسىرىنى ئىلمىي باھالاش كېرەك. جايلاردىكى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىققا مەسئۇل تارماقلار ئالدىنقى يىللىق ساھە ئىستاتىستىكىسى ۋە 2020- يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2-ئايغىچە بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇبيېكتلار، خادىملار ۋە بېقىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلار تۈرى، سانى، ئىشلىتىلىش ئورنى، باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرى، شۇنىڭدەك باقمىچىلىق ئەندىزىسى، گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، بولۇپمۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ياكى باقمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىلگىرى نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پايدا تەقسىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ