مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىم ئويمانلىقىدا زور نېفىت-گاز بايقالدى

نېفىت زاپىسى 200 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ

2020.04.09 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاپرېل، نېفىتلىكتىكى تولۇق چوڭقۇرلۇق 1-قۇدۇقىدا 10 مىللىمېتىرلىق نېفىت ئېغىزى ئارقىلىق نېفىت سىنىغاندىن كېيىن، كۈنىگە 624 كۇب مېتىر نېفىت، 371 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلىپ، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان. بۇ، نېفىتلىكتە رايون دەرىجىلىك مول بىر نېفىت-گاز ئۈزۈلمە بەلبېغى يېڭىدىن بايقىلىپ، نېفىت بايلىقى مىقدارى 228 مىليون توننىغا يېتىپ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ شىمالىي تارىم-ئوتتۇرا تارىم 10 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىت-گاز رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە ئاساس سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تارىم ئويمانلىقىدىكى كاربوناتلىق نېفىت-گاز زاپىسى مول بولۇپ، ئويمانلىقتىكى نېفىت-گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %38 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ، تارىم نېفىتلىكىدىكى خام نېفىتنى كۆپەيتىپ ساقلاشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئالماشتۇرۇش ساھەسى ھېسابلىنىدۇ. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان تارىم نېفىتلىكى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى 120دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى تەخمىنەن 400 مىليون نوپۇس، 3000 دىن ئارتۇق كارخانىنى گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ