مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆز زېمىنىمىزدىكى يۇقۇمدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدىكى ئېغىر كېسەللەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 200گە چۈشتى

خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىدىكى كىشىلەرنىڭ %70ى سېستىرالار

2020.04.08 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7- چېسلا گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى مەلۇماتتا، جۇڭگودا ئۆز زېمىنىمىزدىكى يۇقۇمدىن بارلىققا كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلار تىزىملىكىدە، ئېنىق دىئاگنوزلۇق بىمارلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار يوق، گۇمانىي بىمارلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار يوق، ئۆلگەن بىمارلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار يوق بولۇپ، ئۆز زېمىنىمىزدىكى يۇقۇمدىن بارلىققا كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلار تىزىملىكىدىكى ئېغىر دەرىجىلىك بىمارلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 200گە چۈشكەن. نۆۋەتتە، چېگرا ئىچىدىكى يۇقۇم بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پارچە تارقىلىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يۇقۇم يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ. ئېلىمىزدە ھازىر چېگرا سىرتىدىن كىرگەن يۇقۇم بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى ئۆز زېمىنىدىكى يۇقۇمدىن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ، چېگرادىن يۇقۇم كىرگەن شەھەرلەردىكى كېسەللەرنى داۋالاش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، تەكشۈرۈش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئايرىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ھازىر يەنىلا ئۆز زېمىنىمىزدىكى يۇقۇمدىن بارلىققا كەلگەن بىمارلار ۋە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن يۇقۇمدىن بارلىققا كەلگەن بىمارلاردىن كېلىپ چىقىدىغان يەنە بىر خەۋپكە، يەنى يۇقۇمنىڭ پارچە تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ قىسمەن پارتلىشىدىن ئىبارەت قوش خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە، شۇڭا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈلدۇر.

  بۈگۈن 71- قېتىملىق دۇنيا سەھىيە كۈنى، بۇ كۈننىڭ باش تېمىسى «سېستىرالار ۋە ئاكۇشېرنى قوللاش» قىلىپ بېكىتىلدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ۋالىيسى گو يەنخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگودىكى پەرۋىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، سېسترالار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايغان. 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە سېسترالارنىڭ ئومۇمىي سانى 4 مىليون 450 مىڭغا يېتىپ، 2018- يىلىدىكىدىن 350 مىڭ كۆپەيگەن.

  بۇ قېتىم يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، خۇبېيغا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 42 مىڭ 600 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، سېستىرالار 28 مىڭ 600 بولۇپ، %70نى ئىگىلىدى. «80- يىللاردا تۇغۇلغان» ۋە «90- يىللاردا تۇغۇلغان»لار سېسترالار ئومۇمىي سانىنىڭ %90ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «90- يىللاردا تۇغۇلغان» سېسترالارنىڭ نىسبىتى %40كە يەتتى. سېسترالار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش خىزمىتىدە، بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كەسپىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ