مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن مەملىكەتتە نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى

ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكىدە نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلاردىن 29 مىڭ 33 كارخانىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %96.81كە يەتتى

2020.04.08 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭى ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، بىر باسقۇچلۇق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، نامرات رايونلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىشى، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە قايتا ئىش باشلاش دېگەندەك خىزمەتلەر يەنىمۇ تېزلىتىلدى.

  مۇخبىرنىڭ 7- چېسلا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئايدىن بۇيان، جايلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش، ھەمدە ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئۈندەشكە سىجىل ھالدا كۈچەپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىنى يەنىمۇ تېزلەتكەن.

  4- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە، 25 ئۆلكىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باشلىغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرى 22 مىليون 422 مىڭ 400گە يەتكەن بولۇپ، بۇ نىسبەت بۇلتۇر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %82.15ىنى ئىگىلىدى، ئۇنى 3- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى 8 مىليون 222 مىڭ ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 30.12 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكىدە نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلاردىن 28 مىڭ 106 كارخانىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ھەمدە ئىش ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %96.81كە يېتىپ، 3- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكىدىن 15.21 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى، 719 مىڭ 300 نامرات ئاھالە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نامراتلارنى يۆلەشتىكى 377 مىڭ تۈردە 261 مىڭ 200 تۈلۈك ئىش باشلاندى، ھەمدە ئىش باشلاش نىسبىتى %69.27 بولۇپ، 3- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكىدىن 37.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا پىكىر بېسىپ تارقىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، ئەمما مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر ۋە كىرىمى نامرات ئائىلىلەرگە قارىغاندا سەل يۇقىرى بولغان چەت جايلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارى بار كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنى ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ