مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىگە يۈزلىنىپ، «24365 مەكتەپتىن قوبۇل قىلىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2020.04.08 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاپرېل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىگە يۈزلىنىپ، «24365 مەكتەپتىن قوبۇل قىلىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورى (يېڭى كەسپ تورى www.ncss.cn) مەخسۇس بەت تەسىس قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە توردا ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەتتىكى داڭلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تور بېكەتلىرى بىلەن بىرلىكتە «2020-يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مەملىكەت بويىچە توردا بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش — 24365 مەكتەپتىن قۇبۇل قىلىش مۇلازىمىتى»نى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى 24 سائەت پۈتۈن يىل 365 كۈنلۈك توردا مەكتەپتىن قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە «24365 مەكتەپتىن قوبۇل قىلىش » سۇپىسى 8 مىليون 330 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى، تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانى جەمئىي 1 مىليون 320 مىڭغا يېتىپ، ئەۋەتىلگەن تەرجىمىھال 11 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ