مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.04.08 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرېل خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا جايلارغا يېتەكچى پىكىر تارقىتىپ، جايلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  پىكىرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئۆز رايونىدىكى ياشانغانلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا 14 كۈن تېببىي ئايرىپ كۆزىتىشنى تەلەپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن «ئاۋۋال كېلىشىپ، ئاندىن كۆچۈپ كىرىش»، ساغلاملىق ۋە ساياھەت ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئۆز رايونىدىكى ياشانغانلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا، ياشانغانلار ۋە خىزمەتچى خادىملار 14 كۈن تېببىي ئايرىپ كۆزىتىش ۋە ئالاقىدار تېببىي تەكشۈرۈشتە نورمال بولغاندىن كېيىن كىرسە بولىدۇ؛ نۇقتا-نۇقتا بويىچە خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى ياشانغانلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا، تېببىي جەھەتتىن 14 كۈن ئايرىپ كۆزىتىش تەلەپ قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ