مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇرۇپ، يەنە بىر قولدا داۋالاش مۇلازىمىتىنى چىڭ تۇتۇش

ئېلىمىزنىڭ نورمال داۋالاش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە

2020.04.07 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىدىكى يەن ئەپەندى 1- ئاپرېل سائەت 9 دا ئالدىن كېلىشكەن ۋاقىت بويىچە بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا كەلدى. دوختۇرخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۆچىرەتتە تۇرغاندا، يانفون ئارقىلىق ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلاپ، ئىلغاپ تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئامبۇلاتورىيە رايونىغا كىرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئىلغاپ تەكشۈرىدۇ. ئۇ ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە نومۇر ئالغاندىن كېيىن، داۋالىنىشنى كۈتۈش ۋاقتى پەقەت سەككىز مىنۇتلا بولدى.

  كېسەل كۆرسىتىش ۋە نومۇر ئېلىشتا ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىت بۆلۈپ كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ھازىر بېيجىڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا نورمال داۋالاشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. دوختۇرخانىلار غەيرىي جىددىي داۋالاش بويىچە ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىشنى يولغا قويدى، جىددىي داۋالاش ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىن باشقا، شۇ كۈنى نەق مەيداندا نومۇر ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، توردا ۋە تېلېفوندا كېلىشىپ نومۇر ئېلىشنى يولغا قويدى، ۋاقىت بۆلۈپ كېسەل كۆرسىتىش يېرىم سائەتكىچە دەل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئامبولاتورىيە بىمارلىرىنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتتى.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. ئۆز رايونى ئايرىغان تۆۋەن خەۋپ-خەتەر، ئوتتۇراھال خەۋپ-خەتەر ۋە يۇقىرى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى پەرقلىق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا داۋالاش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، بىمارلارغا جىددىي داۋالاش، بالنىتسىدا يېتىش، ئوپېراتسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق تىببىي مۇلازىنەتلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەمىنلەنگەن؛ خەۋپ-خەتىرى ئوتتۇرا ھال رايونىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتىنى پۇختا ۋە تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش مۇلازىمىتى كاپالەت سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرغان؛ خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلار داۋاملىق تۈردە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي-ئېغىر كېسەللەر ۋە ئالاھىدە ئاممىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ