مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ

يۇقۇمنى يوشۇرغۇچىلار «قارا تىزىملىك» قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2020.04.07 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- چېسلا، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىدىن قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  تامۇژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا «دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. تامۇژنا باش مەھكىمىسى سەھىيە كارانتىن مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ يۆچيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چېگرىدىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەينەن تولدۇرالايدۇ. لېكىن، ئاز ساندىكى كىشىلەر يەنىلا سالامەتلىك كارتىسىنى تولدۇرغاندا يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپ، كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇندى. تاموژنا ئورگىنى ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش قىلىش ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشتەك مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاموژنا يەنە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش، مەسىلەن، جازالانغانلارنى تاموژنا لەۋزىدە تۇرمىغان يولۇچىلار «قارا تىزىملىك»گە كىرگۈزۈش دېگەندەك جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  سۇڭ يۆچيەن يەنە، كېيىنكى قەدەمدە تاموژنا چېگرىدىن كىرگەنلەرنىڭ تازىلىقىنى كارانتىن قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تاموژنا يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھاۋا تىرانسپورتى، سۇ تىرانسپورتى ۋە قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى پورتلىرىدىن كىرگەن بارلىق يولۇچىلارنى يادرو كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى ھەمدە بارلىق خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى پورت تۇرۇشلۇق جايدىكى بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول قىلىش مېخانىزمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياكى بىر تۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. «تاموژنا يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن چېگرادىن كىرىدىغان قاتناش قوراللىرى ياكى كېسەللىك ئالامىتى بار بىمارلارنى مەلۇم قىلغان چېگرادىن كىرىدىغان قاتناش قوراللىرى، شۇنىڭدەك قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ياكى ئالمىشىشقا تېگىشلىك خەلقئارا كېمە-پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن جايدا %100 بويىچە كارانتىن قىلىنىدۇ.» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ