مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى

ساختا بۇيۇم ياسىغان ۋە ساتقانلارغا زەربە بېرىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى

2020.04.07 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا ج خ ئورگانلىرى يېمەكلىك-دورا ھالقىسى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئون تۈرلۈك تەدبىر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئون تۈرلۈك تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى ئوتتۇرىغا قويدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىم تەدبىر تۈزۈشى بولسا، بەزى جايلارنىڭ يېمەكلىك، دورا، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، قۇرۇلۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ئىشلارنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ساھەلەردە ساقلانغان ئامانلىققا ئائىت يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كۆزدە تۇتۇش ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش قىلىپ، ساختا مەھسۇلات ياساش ۋە سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 10 تۈرلۈك تەدبىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان، يەنى، دورا ساھەسىدىكى جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ساختا-ناچار ۋاكسىنىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى دورىلار، دېگەندەك ساختا-ناچار دورىلارنى ياساش ۋە سېتىش قىلمىشلىرى، ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى دېگەندەك دورىلارنى ياساش قىلمىشلىرى، ساختا-ناچار ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ۋە مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىكى جىنايى ھەرىكەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش ۋە دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا دېھقانلارنى قوغداشمۇ ئون تۈرلۈك تەدبىرنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئون تۈرلۈك تەدبىردە ئۇرۇقلار، دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتلار دېگەندەك ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك ساختا ماركىلىق ئىشلەپچىقىرىش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختىلىق قىلىش، قانۇنسىز قوشۇش، لاياقەتلىك قىياپىتىگە كىرىۋېلىش قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىش كېرەك، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ