مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي بانكا ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئېنت نىشانلىق تۆۋەنلىتىپ، نورمىدىن ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى

دىققەت ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ

2020.04.07 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەركىزىي بانكا ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ھەم ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم نورمىدىن ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. بۇ تەدبىر پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى قوللاش ئۈچۈندۇر.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سىياسەت سالمىقى، مۇھىم نۇقتىسى ۋە رېتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، كارخانىلارنى دەل جايىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇشنى پەسەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ھەم ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم نورمىدىن ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يەنىمۇ نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىساد قانداق قوللىنىلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى دەل جايىدا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟ كېيىنكى قەدەمدىكى پۇل سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىگە قانداق قارايسىز؟ مۇخبىر خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئالاقىدار كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  ئىسلاھ قىلىش چارىسى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەن ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ قويۇپ بېرىلىدۇ

  4-ئاينىڭ 3-كۈنى، خەلق بانكىسى يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، يېزا سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا-بازار بانكىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىلا تىجارەت قىلىدىغان شەھەر سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قېتىم 0.5 پىرسەنت پوئېنتتىن تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. بۇ، بۇ يىل 1-ئايدا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلگەن، 3-ئايدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، خەلق بانكىسىنىڭ يىل ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم تۆۋەنلىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ گوچياڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارغا قارىتا بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يولغا قويۇش پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش چارىسى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسى ۋە كىرېدىت مەبلىغىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ دىققىتىنى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كىرېدىت تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ