مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ «قوش غەلىبە»نى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بەردى

تەكلىپ بېرىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ

2020.04.07 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  تەكلىپ بېرىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىدراك ھەر ۋاقىت تۇتاشتۇرىدۇ، مەسئۇلىيەت مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت ئۈچۈن بۇرچىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرش ئۇلۇغ كۈرىشىگە پائال ئاتلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: پارتىيەلەر كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ قۇرۇق سۆلەتۋازلىق قىلغانلىق ئەمەس، گەپ-سۆزىنىڭ ئاساسى بولۇش، گەپ-سۆز ئورۇنلۇق بولۇش، گەپ- سۆزنىڭ چېكى بولۇش، گەپ-سۆزى ئەمەلىي بولۇش، سەمىمىي كېڭىشىش، ئەمەلىي كېڭىشىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى دېيىش، ياخشى تەكلىپ بېرىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا دەل جايىدا قاتنىشىش، مۇھىم نۇقتىلارنى كېڭىشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشالايدىغان، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇشتا تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمغا زەربە بېرىشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بۇ قېتىمقى ئىس- تۈتەكسىز ئۇرۇشقا پائال ئاتلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك «قوش غەلىبە»نى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك نامايان قىلىندى

  ئىشتا قىيىنچىلىقتىن، ھەققانىيەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتتىن قاچمايمىز. خۇبېي، ۋۇخەنگە ئەڭ بۇرۇن يېتىپ بارغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا قاتناشقان «تەتۈر ماڭغۇچىلار» ئارىسىدا بىر جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسى بار، ئۇ دەل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ لۇچى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بەرگەن دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ تاللاندى. بۇ داۋالاش ئەترىتى ۋۇخەنگە تۇنجى بولۇپ كىرگەن دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئەترىتى، تۇنجى بولۇپ ئېغىر كېسەل رايونىنى ئۆتكۈزۈۋالغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئەترىتى بولۇپ قالدى.

  ۋۇخەندە تۇرۇۋاتقان خۇاڭ لۇچى بىر تەرەپتىن ئىنتايىن جىددىي بولغان يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇپ، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشقا قاتناشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، گۇماننى تۈگىتىپ، ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  ھالقىلىق پەيتتە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا چىقتى، ئالدىدا ماڭدى، ھۆددىسىدىن چىقتى. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تېببىي-سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالىرى «مەملىكەتلىك ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا تەشەببۇسنامە»نى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى دۆلەت ئۈچۈن بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ھەر دەرىجىلىك، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پائال ئاۋاز قوشۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ