خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى كۆپ، دائىم يۈزبېرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، زىرائەتلەردىكى ئېغىر، زور كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى يۈزبەردى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن، «نىزام»دا تۆت جەھەتتىن زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ