مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چېگرادىن كىرگەنلەرگە قارىتا، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش يولغا قويۇلىدۇ

(گوۋۇيۈەننىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى)

2020.04.03 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24 كىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن ھازىر 1863 بىمار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەل 429 نەپەر؛ ھازىر گۇمانىي بىماردىن 153 نەپەر بار. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 81 مىڭ 589 نەپەر، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار سانى 76 مىڭ 408 نەپەر، ئۆلگەن بىمار سانى 3318 نەپەر. يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار 55 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 17 نەپەر؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغىنى توققۇز نەپەر، ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەر؛ تېخىچە تېببىي كۆزىتىشتە تۇرۇۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار 1075 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 226 نەپەر.

  2-ئاپرېل، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى — ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ رېۋىزىيە خادىمى ۋاڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مۇھىم نۇقتىنىڭ بىرىنچىسى چېگرادىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، گۇمانىي بىمارلار، قىزىش ئالامەتلىرى بار كىشىلەر توپى ۋە قويۇق ئۇچراشقانلارنى تەكشۈرۈش لازىم؛ ئىككىنچىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە مەھەللە، ئائىلىلەردە بايقالغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، گۇمانىي بىمارلار، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ۋە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش لازىم؛ ئۈچىنچىسى، كارخانىلار ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتلىرى ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باغچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا بايقىغان بەزى نورمالسىز ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش لازىم؛ تۆتىنچىسى، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردا يۈز بەرگەن بىنورمال ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ