جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى موسكۋاغا يېتىپ باردى

2020.04.03 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالىرى موسكۋا ئىشتاتىدىكى چىكاروۋىسكى ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى روسىيىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالىرى 2- فېۋرال موسكۋاغا يېتىپ باردى. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 25.5 توننا بولۇپ، بۇلار تېببىي ماسكىلار، مۇداپىئە كىيىملىرى، تاشقى كېسەللىكلەر پەلەيلىرى، بەدەن تېرمومېتىرلىرى ۋە ئاياغ قېپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ماددىي ئەشيالارنى ئوراش ساندۇقىغا خەنزۇچە ۋە رۇسچە قىلىپ «ۋىرۇس چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، غەلىبە بىزگە مەنسۇپتۇر!» دېگەن شۇئار يېزىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ