مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇزۇپ تاشلىدى

2020.04.02 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇزۇپ تاشلىغان. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1- چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دوكلات دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پىكرى بىلەن بىردەكتۇر، شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىدۇر.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بىرلىكتە تاماملىغان ۋە «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئەينى چاغدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللانغان شۇ تەدبىرى ۋە ئىنكاسى، يەنى ۋۇخەننى ساياھەت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىش تەدبىرى ۋە مەملىكەت بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى بولمىغان بولسا، 2- ئاينىڭ 19- كۈنى ۋۇخەندىن باشقا رايونلاردا 700 مىڭدىن ئارتۇق بىمار كۆرۈلگەن بولاتتى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇزۇپ تاشلاپ، يۇقۇم مەنبەسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنى توسۇپ، باشقا شەھەرلەر ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل، ئەڭ قاتتىق بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، باسقۇچلۇق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارانىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭىپ، رايون ۋە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشنى خالايدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ