مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق ئالتە تۈرلۈك ئىسلاھات يېڭى تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى

2020.04.02 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-ئايدا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق بولغان ئالتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ تەدبىرلەر ئىجارىگە بېرىلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش، تېز بېجىرىش، كىچىك ئاپتوموبىللارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش ئۇچلىرىنى توردا يەتكۈزۈش، قاتناش بىخەتەرلىك يول باشلاش ئەسكەرتمە مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرى، شۇنداقلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، تەربىيەنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن خاتىرىلەنگەن نومۇرلىرىنى ئازايتىش-كەچۈرۈم قىلىش، قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە نەتىجىسىنى توردا سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش يېڭى تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، 326 مىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسى يۆتكەپ كېلىنگەن جايدا ئاپتوموبىل تەۋەلىكىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بېجىرگەن؛ ئىجارىگە ئالغان ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە ئالغۇچىلار 23 مىڭ قېتىملىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئىشىنى مۇلازىمەتچىسىز بىر تەرەپ قىلغان؛ يول باشلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق شوپۇرلارغا 225 مىڭدىن ئارتۇق قاتناش بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش يېڭى تەدبىرىمۇ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلغان بولۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 16 شەھەر تىزىملىتىش، تەكشۈرۈش كەسپىنى يېڭىدىن بېجىرىدىغان 4 مىليون 40 مىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسىگە تەكشۈرۈش بەلگىسى ئېلېكتىرونلۇق دوكۇمېنتى تارقىتىپ بېرىلگەن؛ 158 مىڭ ئادەم (قېتىم) توردا ئۆگىنىپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ تارتىلغان نومۇرنى كېمەيتىش، كەچۈرۈش قىلىشى ئىلتىماس قىلىنغان؛ نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالتە ئۆلكە، شەھەر 40 مىڭدىن ئارتۇق ھادىسىگە ئالاقىدار كىشى ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىنى قاتناش ھادىسىسىنى توردا سۈرۈشتۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا «جىددىي بېجىرىش»، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى «توردا بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جەمئىي 66 مىڭ جىددىي كەسىپ بېجىرگەن؛ توردا تولۇقلاپ نومۇر تاختىسى ئېلىش، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەردىن 5 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇقىنى بېجىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە توردا بېجىرگەن ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىدىن 1 مىليون 320 مىڭى تارقىتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ