مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى ياخشى قوغداش جۇڭگونىڭ يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە قوشقان غايەت زور تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ

2020.04.01 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 31- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى ياخشى قوغداش بولسا، جۇڭگونىڭ يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئەھۋالى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق، تاشقى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ چېگرا سېرتىدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىچكى جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈشتە بېسىم يەنىلا ناھايىتى ئېغىر، ئالاقىدار داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ناھايىتى چوڭ. دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىدۇر. 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى ياخشى قوغداش بولسا، جۇڭگونىڭ يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپمۇ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن پائال رەۋىشتە تەمىنلەۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 120 دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتنى ئادەتتىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىلار، N95 ماسكىلىرى، قوغدىنىش كىيىملىرى، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش رېئاكتىپى، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ خەلقئارادىكى دوستلۇق شەھەرلىرى ئارا بەرپا قىلىنغان يوللار ئارقىلىق 50 نەچچە دۆلەتكە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى. جۇڭگو كارخانىلىرى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بەزى دۆلەتلەر دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا سودا سېتىۋېلىش ھەمكارلىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو ئۇلارغا سالاھىيىتى بار ئېكسپورت سودىگەرلىرىنى تەۋسىيە قىلدى. 30 دۆلەت ۋە ئىككى خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو تەرەپ ئېكسپورت سودىگەرلىرى بىلەن ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش رېئاكتىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مال سېتىۋېلىشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا N95 ماسكىلىرى يەنىلا ئىنتايىن قىس بولماقتا، بىز N95 ماسكىلىرىنى ئەڭ خەتەرلىك بولغان خىزمەت ئورنىدا كۈرەش قىلىدىغان ۋە ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدىغان تېبىي خادىملارغا قالدۇرۇپ قويدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ