مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان 7-سانىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنىدۇ

2020.04.01 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى» ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: خۇبېي بىلەن ۋۇخەن بولسا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى بۇ قېتىمقى جەڭدە مۇھىم بولغان جاي ۋە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان جايدۇر. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشى ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىردۇر. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مېڭىنى ناھايىتى سەگەك تۇتۇپ ۋە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ياخشى ئىشلەپ ۋە ياخشى نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭ قىلىشتىن زېرىكمەي ۋە بوشاشماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ ۋە ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى ۋە ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ ۋەزىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل بولغان تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر زور كۈچ بىلەن تېزلىكتە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ ۋە تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ