مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۈگۈندىن باشلاپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ

داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى بۇنداقلارنى بايقىغاندىن كېيىن ئىككى سائەت ئىچىدە توردا بىۋاستە مەلۇم قىلىشى كېرەك

2020.04.01 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 31- چېسلا «يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇمنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى جاۋاب»نى ئېلان قىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدىكى "كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار" دېگەن ئۇقۇمغا تەبىر بەردى. بۇنىڭدا، ئالاقىدار كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، يەنى، قىزىش، يۆتىلىش ۋە يۇتقۇنچاق ئاغرىش دېگەندەك ئۆزى ھىس قىلالايدىغان ياكى كلىنىكىدا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەندىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، ئەمما نەپەس يولى قاتارلىقلاردىكى ئەۋرىشكىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان "يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈلۈشى" نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلار كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىرى، يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان تۇرۇقلۇق، ئۇنداقلارنىڭ 14 كۈنلۈك يوشۇرۇن مەزگىلى كۆزىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزى ھىس قىلالايدىغان ياكى كىلىنىكىدا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، ئەمما باشتىن-ئاخىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ھالدا يۇقۇملىنىپ يۈرگەنلەر؛ يەنە بىرى، يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولسىمۇ، ئەۋرىشكە ئالغاندا، ئۆزى ھىس قىلالايدىغان ياكى كلىنىكىدا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، ئەمما كېيىنچە مۇئەييەن دەرىجىدىكى كلىنىكىلىق ئىپادىسى كۆرۈلگەن، يەنى يوشۇرۇن مەزگىلدە «كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي تۇرۇپ يۇقۇملىنىپ يۈرۈش» ھالىتىدە تۇرغانلار دېگەندەكلەردىن ئىبارەت.

  نۆۋەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى مۇنداق تۆت خىل يول ئارقىلىق بايقىلىۋاتىدۇ: بىرىنچىسى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق؛ ئىككىنچىسى، توپلىنىشتىن پەيدا بولغان يۇقۇمنى تەكشۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق؛ ئۈچىنچىسى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ يۇقۇم مەنبەسىنى ئىز قوغلاش جەريانىدا ئاشكارىلانغان كىشىلەر توپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق؛ تۆتىنچىسى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى داۋاملىق تارقىلىدىغان قىسمەن رايونلاردا ساياھەت تارىخى ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخى بولغان خادىملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېگەندەك يوللار بىلەن بايقىلىۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 3- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 24 كىچە تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغانلار ئىچىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغانلار 1541 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلارنىڭ سانى 205كە يەتكەن.

  ھازىرقى باسقۇچتىكى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى يۇقۇمدا يۇقۇمچانلىق مەۋجۇت ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ يۇقۇش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، يۇقۇمچانلىقىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ۋە تارقىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى شۇنى تەلەپ قىلدىكى، ئەگەر داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقىسا، چوقۇم ئىككى سائەت ئىچىدە توردا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىشى كېرەك. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار چوقۇم 14 كۈن مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىلىشى كېرەك، پىرىنسىپ جەھەتتە مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىپ كۆزىتىلىش ۋاقتى 14 كۈن توشقانلار ھەمدە ئۇدا ئىككى قېتىملىق ئەۋرىشكە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىب مەنپىي چىققانلار (ئەۋرىشكە ئېلىش ۋاقتى ئاز دېگەندە 24 سائەت بولىدۇ)نىڭ ئايرىۋېتىپ كۆزىتىلىشى بىكار قىلىنسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇنداقلارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت بولسا، ئۇنداقلار داۋاملىق تۈردە ئايرىۋېتىپ تېببىي كۆزىتىلىشى كېرەك، بۇ ئارىلىقتا ئەگەر ھەقىقەتەن كىلىنىكىلىق ئىپادىسى كۆرۈلسە، ئۇنداقلارنىڭ دىئاگنوزى "يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار" دەپ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارغىمۇ 14 كۈن مەركەزلىك ئايرىپ تۇرۇپ تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ