مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشتىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنى تونۇشتۇردى

2020.04.01 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سوئالغا جاۋابەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئۈچ تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر چياۋمىن ۋە شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئوقۇغۇچى (تەنھەرىكەتچى)لارنى كاپالەت بىلەن قوبۇل قىلىشنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

  جۇ فېڭليەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇقتۇرۇشتا خەلقئارا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇرشۇناسلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ خالىغان بىر تۈرىگە قاتناشقان ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار ياكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەن تەيۋەنلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدىغانلىقى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىغاندىن كېيىن تولۇق كۇرسقا كاپالەت بىلەن قوبۇل قىلسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  جۇ فېڭليەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەنلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كاپالەت بىلەن ئەۋەتىشنىڭ سالاھىيەت شەرتى، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، كاپالەت بىلەن ئەۋەتىش تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى بولسا، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور پونكىتىدىن تەكشۈرسە بولىدۇ. بىز شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئارزۇسى بار تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ