مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

3-ئايدا ياسىمىچىلىقنىڭ PMIسى %52كە ئۆرلىدى

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلىتىلدى، بازارنىڭ تەمىنات-ئېھتىياجى ئاشتى

2020.04.01 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى تەكشۈرۈش مەركىزى، جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 3-ئايلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى PMI))نىڭ %52 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ يۇقۇمنىڭ روشەن تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئاساسىدا 16.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۈر كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، بۇ ئايدا كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تېز بولغان، بازارنىڭ تەمىنات-ئېھتىياجى ئاشقان، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرۈنەرلىك ئاشقان، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر تېز بولغان، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تىرەكلىك رولى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان، كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسى ياخشىلانغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جانلانغان. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈسكۈنە قاتارلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ PMIسى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىكتە بىر قەدەر ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئىستېمال بۇيۇملىرى كەسپىمۇ مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ PMIسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 14.4 پىرسەنت پوئېنتتىن %52كىچە ئۆرلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ