مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئىككى ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتە 400 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج كېمەيتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلدى

2020.04.01 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە 402 مىليارد 700 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاش بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق يېڭىدىن 158 مىليارد 900 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلتۇرقى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ بۇ يىل داۋاملىق يولغا قويۇلۇشى بىلەن 243 مىليارد 800 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلگەن.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى باش مۇپەتتىشى ۋاڭ داۋشۇ مۇنداق دېدى: 4-ئايدا پەسىللىك مەلۇم قىلىش چوڭ باج ئېلىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلار بەھرىمەن بولىدىغان باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ.

  باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن رۇڭفا مۇنداق تونۇشتۇردى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان 29-قېتىملىق مەملىكەتلىك باج يىغىش تەشۋىقات ئېيى، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۈچ چىقىرىپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ