خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 31-مارت «2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلدى، ئىمتىھان ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە بولىدۇ. كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى: 7-ئاينىڭ 7- كۈنى، ئەدەبىيات 9:00 دىن 11:30 غىچە؛ ماتېماتىكا 15:00 دىن 17:00 گىچە. 7- ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال پەن / تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسال پەن 9:00 دىن 11:30 غىچە؛ چەت ئەل تىلى 15:00 دىن 17:00 گىچە.
خۇبېي ئۆلكىسى، بېيجىڭ شەھىرى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ