مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كۆچمەنلەر ئىدارىسى-- چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش زۆرۈر بىر تەدبىردۇر

2020.03.31 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31– مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30- مارت گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 29- مارت سائەت 0 دىن 24 كىچە، جۇڭگودا 31 بىمار يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرا سىرتىدىن 30 بىمار كىرگەن؛ يېڭىدىن 17 گۇمانىي بىمار كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلار ئىكەن.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىزدە خەلقئارا يول تىرانسپورتى يولغا قويۇلغان 65 پورت ئىچىدە 34 پورت ئوچۇق ھالەتتە بولۇپ، باشقىلىرى پەسىل سەۋەبىدىن ياكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە پۈتۈنلەي تاقالغان. نۆۋەتتە 34 پورتتا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كىرىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلىكتە ئېلان چىقىرىپ، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى بەلگىلىك چەكلەش تەدبىرىنى قوللاندى. «بۇ، نۆۋەتتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىلغان ئۇسۇلدۇر، شۇنداقلا قوللانغان ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەت كۆچمەنلەر ئىدارىسى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش-باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: بىز شۇنداق دەپ قارايمىزكى، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، ئورۇنسىز ۋە ئېھتىياجسىز بولغان چېگرادىن كىرىش پائالىيىتىنى ئازايتىش تەدبىرى بولسا، چېگرادىن كىرىش چەكلەنگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك خادىملارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، يۇقۇمنىڭ چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىش يوللىرى ئارقىلىق تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش، شۇ ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى بىر مەسئۇلىيەت ۋە زۆرۈر بولغان بىر تەدبىردۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ