جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋېنېسۇئېلاغا يېتىپ كەلدى

2020.03.31 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31– مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، ۋېنېسۇئېلا پايتەختى گاسسمون بولىۋار خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى مەخسۇس ئايروپىلاندىن چۈشتى. يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگودىن ۋېنېسۇئېلاغا ئەۋەتىلگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 30- چېسلا ۋېنېسۇئېلاغا يېتىپ باردى. جۇڭگو تەرەپ ئىئانە قىلغان تەكشۈرۈش رېئاكتىۋى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە دورا قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارمۇ شۇلار بىلەن بىللە يېتىپ باردى. ئۇ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ گۇرۇپپىدا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن جەمئىي سەككىز كىشى بار، ئۇنىڭدا نەپەسلىنىش ۋە ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش قاتارلىق نەچچە ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ