جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزبېكىستانغا ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالىرى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

2020.03.31 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31– مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا ياردەم قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئۆزبېكىستان تەرەپ ئايروپىلانى تاشكەنت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، باش يۇقۇم مۇداپىئە ۋراچى ئالماتوف ۋە جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ يەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ