مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپلەردە پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش پىلانى ئېلان قىلىندى

2020.03.27 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئالىي مەكتەپلەردە پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردە پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ پىلان بولسا، غەربىي رايوندىكى ساھەلەر، كەسىپلەر ۋە كارخانىلاردا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قىس كەسىپلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىي مەكتەپلەردىن پېنسىيەگە چىققان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپقا ۋە تەتقىقاتقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ تەشكىللەيدىكەن.

  مەزكۇر «لايىھە»گە ئاساسەن، 2020-يىلى مىنىستىرلىققا قاراشلىق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىن پېنسىيەگە چىققان 120دىن 140قىچە ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى، تارىم داشۆسى ۋە غەربىي يۈننەن قوللىنىشچان تېخنىكا داشۆسىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىشكە قوبۇل قىلىدىكەن. تۇنجى تۈركۈمدە ياردەمگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار 2020- يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدە بەلگىلىگەن جايلارغا يېتىپ بارىدىكەن.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۇنجى تۈركۈمدە ياردەمگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملار ئىچىدىن تاللىنىدۇ. ئۇلار چوقۇم يېشى ئادەتتە 70 ياشتىن تۆۋەن بولۇش (سالامەتلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغانلارنىڭ ياش تەلىپى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلسە بولىدۇ)، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە بولغان بولۇش، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات تەجرىبىسى مول بولغان بولۇش، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئالىي ۋە ئەخلاقلىق بولغان بولۇش، ئىش ئورنىنى سۆيۈدىغان، كەسىپتە سەرخىل بولغان بولۇش؛ تېنى ساغلام بولغان، خالىس تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان، ئىستىلى پۇختا بولغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ